2026年乌鲁木齐市中考加分最多20分

四季读书网 3 0
2026年乌鲁木齐市中考加分最多20分

2026-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ

2026年乌鲁木齐市中考加分最多20分-第1张图片-四季读书网

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىشتا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى ۋە خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان تۈر، دائىرە ۋە نومۇر ئۆلچىمى بېكىتىلگەن. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى ھازىرلىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى ئاساسىدا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن؛ ئوخشاش بىر ئىمتىھان بەرگۈچى ئەگەر كۆپ تۈرلۈك نومۇر قوشۇپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر تۈرلۈك نومۇر ئۆلچىمىگىلا ئېرىشەلەيدىكەن، ھەم 20 نومۇردىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

(1) ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن ئوقۇغۇچىلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلارنىڭ پەرزەنتلىرى، خۇاچياۋلارنىڭ پەرزەنتلىرى، تەيۋەن ئۆلكىسى تەۋەلىكىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇلىدۇ؛

(2) ئىنقىلابىي قۇربانلار، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىگە 20 نومۇر قوشۇلىدۇ؛ ئالاھىدە ئىش ئورنى، ئالاھىدە رايوندا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ياكى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىگە 20 نومۇر قوشۇلىدۇ؛ كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان، 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ بولۇپ قالغان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇلىدۇ؛

(3) ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدىكى ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى〔ھازىر ۋەزىپە ئۆتەشتىن چېكىنگىنىگە بىر يىل بولغان ھەربىيلەر(ھەربىيلىكتىن چېكىنىش بۇيرۇقى ئۆلچەم قىلىنىدۇ)نىڭ پەرزەنتلىرى ھەم ئىسلاھات مەزگىلىدە خىزمەت ئۆتىگەن ھەربىي كادىرلاردىن مەمۇرىي خادىمغا ئۆزگەرتىلگەن خادىملارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ〕نىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇلىدۇ؛

(4) گۇڭئەن ئىنقىلابىي قۇربانلىرى، گۇڭئەن قەھرىمان نەمۇنىچىلىرى ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىگە 20 نومۇر قوشۇلىدۇ؛ 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولۇپ قالغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇلىدۇ؛

(5) ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدىكى دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى خادىملارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسىگە 10 نومۇر قوشۇلىدۇ؛ ئىنقىلابىي قۇربانلار، قەھرىمان نەمۇنىچىلار، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلار، 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولۇپ قالغان ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە چەت، يىراق، جاپالىق رايونلاردا تۇرۇشلۇق خىزمەتتىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمغا مائارىپتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مائارىپتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار جەزمەن «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە مائارىپتا ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەت ئىلتىماس جەدۋىلى»نى ئەستايىدىل تولدۇرۇپ، تۇرۇشلۇق مەكتەپ، تەۋەلىكتىكى مائارىپ ئىدارىسى پىكىرنى تولدۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىدىكەن. ھەرقايسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەكتەپ ئىچىدە ئېلان قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا مائارىپتا ئېتىبار بېرىلىدىغان ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلىدىكەن، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاخىرقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئالاقىدار ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىدىكەن.

来源:石榴云记者:孙芳婷编辑:帕提满·玉苏甫

2026年乌鲁木齐市中考加分最多20分-第2张图片-四季读书网

抱歉,评论功能暂时关闭!